ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ موڭغۇللارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىشتى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن سىرت، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى يەنە خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىغا دىققەت قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 29-يانۋار ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى پارلامېنت ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە ئالياسكا ئىشتاتى پارلامېنت ئەزاسى دەن سۇلىۋان بىرلىكتە خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە قارىتىلغان «جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى» ناملىق بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى يەرلىك خەلقنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوللاش ۋە قوغداش مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە كىرگۈزۈش ئىكەن.
مېركلېي باياناتىدا: «بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەدەنىيىتىنى توختىماي باستۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاساسىي ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى چىڭ تۇرۇپ قوللىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە: «‹جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى› شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇل تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش قىلمىشىغا يول قويمايدۇ. قانۇن لايىھەمىز جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دەپ تەكىتلىگەن.
دەن سۇلىۋان بولسا باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى مەنپەئەتى ۋە مۇھىم سانائىتىگە قارىتا يامان نىيەت بىلەن سۇيىقەست قىلىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلماقتا» دېگەن. ئۇ يەنە: «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ قىيىن ئەھۋالى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىكى باشقا مىللەت ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا كىرىشكە مەجبۇرلاندى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى، مەجبۇرىي ھالدا يۇرتلىرىدىن قوغلاندى، قۇللۇق ئەمگەككە مەجبۇرلاندى. پارلامېنت ئەزالىرى تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار ۋە خىرىستىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي مۇستەملىكىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ خورلىنىشىغا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ