خىتاي: ئامېرىكىنىڭ باج سىياسىتى ھەمكارلىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ

خىتاي تىرامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باج سىياسىتىنىڭ فېنتانىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىق تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزئارا ئىشەنچنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 3-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا ئامېرىكا ئېلان قىلغان بارلىق خىتاي ئىمپورت ماللىرىغا %10 باج قويۇش قارارىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ فېنتانىل زەھەرلىك چېكىملىكىنى كونترول قىلىشتىكى ھەمكارلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يەنە ئامېرىكىدىكى فېنتانىل كىرىزىسىنىڭ تاشقى تەسىردىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى مەسىلىلەردىن كېلىپ چىققانلىقى، 2019-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى نازارەت قىلىنىدىغان ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى، بىرلەشمە زەھەرلىك چەكلەشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى، ئامېرىكىنى قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشكە چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا، يېڭى باج قارارىنى سىياسىي سۇيىئىستېمال دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم فېنتانىل سودىسىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 414 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2025 10:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق