ئامېرىكىنىڭ باج سىياسىتى خىتاينىڭ تور سودا ساھەسىنى نىشانلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتايغا قاراتقان باج سىياسىتىدە Temu ۋە Shein قاتارلىق تور سودا شىركەتلىرىنىڭ ئەرزان باھا ئارقىلىق سودىسىنى تېز سۈرئەتتە زورايتىش قىلمىشىنى نىشانلىغان.

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى تورىنىڭ 3-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ ئالدىنقى شەنبە دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھىغا باج قويۇش توغرىسىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە كانادا ۋە مېكسىكىدىن كەلگەن ماللارغا %25، خىتايدىن كەلگەن ماللارغا %10 باج قويۇلىدىغان بولۇپ، كانادانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە %10 تىن تۆۋەن باج قويۇلىدىكەن. بۇ باج 4-فېۋرالدىن تارتىپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي، كانادا ۋە مېكسىكىغا قارىتىلغان باج بۇيرۇقى «ئاز مىقدار» دەپ ئاتالغان سودا كەچۈرۈم ماددىسىنى توختاتقان بولۇپ، مەزكۇر كەچۈرۈمدە ئېكسپورت قىلغۇچىلارنىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن قىممەتتىكى پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئامېرىكىغا باجسىز كىرگۈزۈلۈشىگە يول قويۇلغان.

مەزكۇر كەچۈرۈم ماددىسى 1930-يىللاردىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى تەكشۈرۈلگەن. بايدېن ھۆكۈمىتى بۇلتۇر سېنتەبىردە بۇ ماددىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قوللىنىلىشى ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. بۇ قائىدە خىتاي تور سودا شىركەتلىرىنىڭ تۆۋەن باھا ئارقىلىق رىقابەتچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا يول قويدى، دەپ قارالغان. ئەمەلدارلار يەنە كىچىك پوچتا يوللانمىلىرىدىن ئاز ھۆججەت ۋە ئاز تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقتىن، مەھسۇلات بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 401 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2025 10:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق