خىتاي تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سەۋەبلىك سىناققا دۇچ كەلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ يولغا قويغان %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ يېڭى سودا سىنىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ خىتاي ماللىرىغا يېڭىدىن %10 تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنى قايتا قوزغاتقان. بۇ قارار تىرامپنىڭ سايلام مەزگىلىدە خىتايغا %60 قىچە تاموژنا بېجى قويۇش ھەققىدىكى تەھدىتىدىن كېيىن چىقىرىلغان. تاموژنا بېجى قويۇشنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ماددىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسالمىغانلىقى دەپ كۆرسىتىلگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە %10 تاموژنا بېجى ئىلگىرىكى تەھدىتكە قارىغاندا يېنىكرەك بولسىمۇ، يەنىلا خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ سودا تەدبىرلىرى قوللىنىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قەدەمنى كەلگۈسىدە خىتاي رېجىمى بىلەن سۆھبەتلىشىشتە ئەسقاتىدىغان كوزىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان، بولۇپمۇ خىتاي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، بۇ تاموژنا بېجى يەنە چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە كانادا ۋە مېكسىكىدىن كەلگەن ماللارغا قويۇلغان %25 تاموژنا بېجى بىلەن ماس قەدەمدە ئىكەن. ۋەزىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى چەت ئەلگە يۆتكەش ۋە بازارنى كۆپ تەرەپلىمىلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلاشماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بايانات خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىكى چوڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي باھاسىنىڭ جىددىي چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ساھەدە مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، بەزى تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتكە بىر ئامال قىلىپ تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-فېۋرال ئارقىمۇ ئارقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بۇ ھەقتە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 166 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2025 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق