ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى خىتاي بىلەن ياپونىيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون يىغىنىدا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس ياپونىيە باشقۇرۇۋاتقان سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ «ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېلىشىمى» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. بۇ دونالد تىرامپ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ تەيۋەنگە يېقىن بولغان ياپونىيەنىڭ غەربىي-جەنۇبىي رايونىدىكى ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مۇزاكىرىدە ناكاتانى يەنە ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىككى رەھبەر كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىردەك پىكىرگە كەلگەن. ناكاتانى دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرى توغرىسىدىكى ئېنىق تەلەپلەرنى ئاشكارىلىمىغان ھەم خىتاينى تىلغا ئالمىغان، ئەمما بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ دوستانە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەت ياپونىيەگە نىسبەتەن خىتاينىڭ سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسىگە تەسەللى بولغان. ئۇلار يەنە باش ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبا بىلەن تىرامپنىڭ 7-فېۋرال ئۆتكۈزىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ناكاتانى ئامېرىكىدا يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ