ئىتالىيە سانلىق مەلۇمات نازارەت ئورگىنى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى DeepSeek نى چەكلەپ تەكشۈرۈش باشلىغان.
ئىتالىيە سانلىق مەلۇمات قوغداش ئىدارىسى 30-يانۋار خىتاي شىركىتىنىڭ DeepSeek سۈنئىي ئەقىل پاراڭلىشىش روبوتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىتالىيەدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىتالىيە سانلىق مەلۇمات قوغداش ئىدارىسى شىركەتتىن شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتنى سورىغاندىن كېيىن، خىتاي شىركىتىدىن ئالغان جاۋابنىڭ پۈتۈنلەي يېتەرسىز بولغانلىقى سەۋەبلىك، تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئورگان بىر باياناتىدا، DeepSeek پاراڭلىشىش روبوتى مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان خىتاي شىركەتلىرىدىن خاڭجۇ DeepSeek ۋە بېيجىڭ DeepSeek شىركەتلىرىنىڭ ئىتالىيەلىك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى جىددىي ۋە دەرھال چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلەش تەدبىرى ئىتالىيەدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردىن ئالغان جاۋابلار پۈتۈنلەي يېتەرسىز دەپ قارالغاندىن كېيىن چىقىرىلغان قارار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ