شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق تەقىب ھەقىقىي ۋەزىيەتنى پاش قىلماقتا

قىسقا سىنلاردا تارقالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق تەقىب كۆرۈنۈشلىرى خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باياشات ياشاۋاتقانلىقى» سەپسەتىسىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى پاش قىلماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم فېيسبۇك ھېساباتىدا تارقاتقان بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «زور تۈركۈمدىكى خەلقنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، خەلق ئاممىسى بەختلىك ياشىماقتا» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق تەقىب قىلىش، چەتكە قېقىش جىنايەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب قىلىشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى پاش قىلىنغان. سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قاتتىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، سىننى تارقاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا ئاساسەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا تىزىملاتقىلى بارغان. بۇ جەرياندا ئىشلەتكۈچى ئورۇن «كىملىك ئۆتمىدى، كىملىكتە مەسىلە بار ئىكەن» دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسەتكەن. كىملىك ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە ساقچىخانىسىغا بېرىپ ئەھۋالنى دېگەندىن كېيىن، ساقچىخانا خادىملىرى: «كىملىكتە مەسىلە يوق ئىكەن. ناۋادا كىملىكىڭىزدە مەسىلە بولغان بولسا، بىز سىزنى مەھەللىدىن سىرتقا چىقارمىغان بولاتتۇق» دەپ يولغا سالغان. ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ سۆزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار: «ساقچىخانا ھېچقانداق جىنايەت خاتىرىسى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىسپات چىقىرىپ بەرسۇن» دەپ قايتا يولغا سالغان. ساقچىخانىغا قايتا بارغاندا خادىملار: «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سىزگە بىر پارچە خەت قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن سىزگە جىنايەت خاتىرىسى يوق دېگەن ئىسپاتنى قىلىپ بېرەيلى» دەپ يولغا سالغان. مەزكۇر ئۇيغۇر ئاخىر ئادەم ئىشلەتمەكچى بولغان ئىدارىگە بېرىپ خەت چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلار: «بىز سىزگە نېمە دەپ خەت قىلىپ بەرگۈدەكمەن؟ پەقەت سىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ئىسپات چىقىرىپ بەرسىلا ھەممە ئىش پۈتىدۇ؟» دېگەن. نەتىجىدە مەزكۇر ئۇيغۇر ساقچىخانا بىلەن ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ئادەم كۈچى بايلىقى مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار ۋە ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك ناملار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق تەقىب قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان نازارەت تەدبىرلىرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا مىڭلىغان بىخەتەرلىك كامېراسى، چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە ساقچى پونكىتلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا قىينىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 217 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2025 10:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق