يېڭى شەپەق گېزىتى: 48 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قۇتۇلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى شەپەق گېزىتى غەززەدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىشتىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىدىن ئاخىرقى پەيتتە ۋاز كەچكەنلىكى، بۇنىڭدا تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ سۆھبەت ئۆمىكى تايلاند ئەمەلدارلىرىغا غەززەدە تۇتقۇن قىلىنغان تايلاند پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز سىلەرنىڭ پۇقرالىرىڭلارغا ئىگە بولدۇق، سىلەرنىڭمۇ بۇ مۇسۇلمان تۈركلەرگە ئىگە بولۇشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس 2023-يىلى نويابىردا پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىغا جاۋابەن، تۆت تايلاندلىق تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ئالاقە ئىشلىرى ئۆمىكىنىڭ تايلاندتا قىلغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە توختىتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئالتاي تايلاندتا نۇرغۇن ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مەزكۇر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئېغىر ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ئابدۇللاھ ئالتاي ئەپەندى مۇخبىرغا: «بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق قارارىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، قايتۇرۇش مەركىزىدە 18 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا خەۋەر يوللىدۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇلار ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختىتىپ، تاماق يېيىشكە باشلىدى» دېگەن.

ئابدۇللاھ ئالتاي ئەپەندى يەنە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ناچار تۈرمە شارائىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى بىلەن جەم بولۇپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشىك ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈركىيەگە كېلەلىشى ئۈچۈن سالاھىيەتلىك ئورۇنلاردىن ياردەم كۈتمەكتە» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 397 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2025 10:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق