بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىن پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى قوغداش، بولۇپمۇ ھۇجۇملار كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە، پاكىستان بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە باشلامچى رول ئوينىشى كېرەكلىكى تەكلىپ قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتتا ئىستىخبارات ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاي خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركەتلىرىنىڭ بەلۇجىستاندىكى ھەرىكەتكە قاتنىشىشى تەۋسىيە قىلىنغان.
دوكلاتتا بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتلىك نۇقتىلىرىنى نىشانلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىما قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە بىخەتەرلىك خەۋپى مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە تېررورلۇقنى ئازايتىشى» كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ