ئىسرائىلىيە كېلىشىم بويىچە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى

ئىسرائىلىيە ئەسىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېچىكىشتىن كېيىن، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ ئەسىرلەرنى تاپشۇرۇشى جەريانىدا ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قىسقا ۋاقىت كېچىكتۈرگەن بولۇپ، كېيىن 110 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەن. باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ كەلگۈسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشلاردا ئەسىرلەرنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. گەرچە ئالماشتۇرۇش كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئالتە ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ۋە بەش تايلاندلىق ئەسىرنىڭ قايتۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار غەززەدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇلغان.

نۆۋەتتە ئۇرۇشنى توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى يۈزلىگەن پەلەستىنلىك مەھبۇس بىلەن ئالماشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان كېيىنكى باسقۇچلۇق سۆھبەت توقۇنۇشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە قالغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 291 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2025 09:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق