تىرامپنىڭ كۆچمەنلەرنى گۇانتانامو تۈرمىسىگە قاماشنى پىلانلىغانلىقى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم كۆچمەنلەرنى گۇانتانامو تۈرمىسىگە ئەۋەتىش پىلانى بارلىقى دىققەت قوزغىدى.

ئاۋسترالىيە ABC تورىنىڭ 31-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەلىك ئادۋوكات ستېفېن كېننى 2007-2002 يىللىرى ئارىسىدا گۇانتانامو تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ۋەكىلى بولغان ئىشلارنى تەسۋىرلەپ، ھەربىي تۈرمىدىكى شارائىتلارنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنىڭ ئىت قەپىسىگە ئوخشاش كامېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇانتانامو تۈرمىسى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىش سەۋەبىدىن دۇنيا مىقياسىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە ئۇ تۈرمىدە پەقەت 15 تۇتقۇنلا قالغان بولسىمۇ، پىرېزىدېنت تىرامپ بۇ ئورۇننى كېڭەيتىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشنى پىلانلىغان. تىرامپنىڭ قارارى كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان مۇئامىلە ۋە قانۇنىي ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەنقىدچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆچمەنلەرنى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇلارنى ئېغىر شارائىتلارغا قالدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 292 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2025 09:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق