خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 31-يانۋار تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرغا جىددىي ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتتى.
تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر ياردەملەرنى يەرلىك تەشكىلات IDC نىڭ ياردىمى بىلەن تايلاندنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 48 ئۇيغۇرغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ياردەم بۇيۇملىرى كىيىم-كېچەك ۋە نان، بادام قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن تەشكىل تاپقان. بۇ ياردەم بۇيۇملىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى نامىدىن تەمىنلەنگەن بولۇپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىنىڭ نامايەندىسى بولغان.
2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا تەخمىنەن 350 ئۇيغۇر تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 172 ئايال ۋە بالا 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. 109 ئەر كىشى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 ئۇيغۇر ناچار تۈرمە شارائىتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىن بۇلتۇر ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز، مەتتوختى مەتقۇربان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ