خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندىن قېزىپ چىققان تارىخىي مىراسلارنى، ئاسارئەتىقە بۇيۇملىرىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە مەجبۇرىي باغلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا بۆرتالا ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى يېنىدىكى خارابىلىكتىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2800-2600 يىللىرىغا تەۋە بىر بىرونزا پىچاق بايقالغان بولۇپ، خىتاي بۇلارنىمۇ ھېچقانداق ئاساسسىزلا خىتاي مەدەنىيىتىگە مەجبۇرىي باغلىغان.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 17-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2600-1800 يىللىرىغا تەۋە بىرونزا دەۋرى قەبرىستانلىقى بايقالغان بولۇپ، قەبرىستانلىق قۇرۇلۇشى ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىي رايونلىرىدا تارقالغان. بۇ يەردىكى يادىكارلىق نەچچە ئون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىرونزا دەۋرىگە تەۋە چوڭ مەھەللە ھېسابلىنىدىكەن.
يادىكارلىقنىڭ يادرولۇق رايونى تەخمىنەن 12 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەركىزىي شەھەر ئورنى، مەركىزىي قەبرىستانلىق ۋە ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچى پونكىتلىرى قاتارلىق قەدىمكى يادىكارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت تەتقىقاتى» دېگەن تارماق تېمىدا ئىزدەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە بۇ يادىكارلىقلار ئىچىدە قوشتاغ خارابىلىكىدىن تېپىلغان بىرونزا پىچاق بار بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنىڭ خىتايدىكى ئەڭ قەدىمكى بىرونزا ئەسۋابلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ياۋروپا-ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى بىرونزا بۇيۇملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ئۇلار يەنە بۇ جايدىن تېپىلغان ساپال، ياغاچ، بىرونزا بۇيۇملىرىنى خىتاي تۈزلەڭلىكى بىلەن «غەربىي رايون»نىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئېرىشكەن ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى»نى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە ئالاھىدە تەشۋىق قىلماقتا.
خىتاينىڭ ئىلگىرى خەۋەرلىرىدە 2021-يىلى خىتاينىڭ تۆت ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى، بۇ پىلانغا ئاساسەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىدىن 17 نى يولغا قويۇپ، 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەرنى چارلاپ تەكشۈرگەنلىكى، تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن نەچچە مىڭنى قېزىپ چىققانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. ئاتالمىش تەتقىقاتچىلار ۋە تەشۋىقات ئورگانلىرىمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىگە ماس ھالدا يالغان تارىخ، يالغان ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ