فىلىپپىن ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «تايفون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن ئەسكەرلىرى كېلەر ئايدىكى يەككە تەرەپلىك ھەربىي مانېۋىردا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، بولۇپمۇ «تايفون» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەربىيەلىنىش ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى تەييارلىقى ئىكەن. ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىن باشلاپ «تايفون» سىستېمىسى فىلىپپىنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى خىتاي ۋە رۇسىيە نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 200 كىلومېتىردىن يىراق نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىغان SM-6 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
پىلان بويىچە تەخمىنەن 20 ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قىسىملىرى بىلەن بىرگە تەربىيەلىنىدىكەن. تەربىيەلەش بۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىدىكەن، ئەمما راست ئوق-دورا ئىشلىتىلمەيدىكەن. فىلىپپىن ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە قىزىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە بۇ يىللىق «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىغا تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ مانېۋىر ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى بويىچە فىلىپپىنغا بولغان ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ