تىرامپ: مەكتەپلەردىكى ھاماس قوللىغۇچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ھاماسقا ھېسداشلىق قىلغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 30-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاش مەقسىتىدە چىقىرىلغان ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ بۇيرۇق فېدېراتىپ ھۆكۈمەتكە، قانۇنسىز پاراكەندىچىلىك سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنى قانۇنىي يول بىلەن سوتلاش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھوقۇقى بېرىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپنىڭ بۇيرۇقى تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مۇسۇلمانلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى بۇ بۇيرۇقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ۋە تىنچ نامايىشچىلارنى ئادىل بولمىغان تەرىقىدە نىشانلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇلار بۇ بۇيرۇقنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئىپادىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئادالەتسىز يوسۇندا جازالاشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا بۇ بۇيرۇقنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت مەيدانلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان قانۇنلۇق نامايىش، تەنقىدلەرنى باستۇرۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 239 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2025 09:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق