ئەھمەد شەرئى سۇرىيەنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى

سۇرىيەدىكى يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شەرئى سىياسىي مۇساپىگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلىندى.

قارا دېڭىز گېزىتىنىڭ 30-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شەرئى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى ۋە دۆلەتتىكى ھەربىي قىسىم ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «غەلىبە يىغىنى» ئېچىلغان.

ئەھمەد شەرئى يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كىشەننى ئۈزۈپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى ئازاد قىلدۇق ۋە پايتەخت دەمەشق ئۈستىدىكى خارلىق توزانلىرىنى تازىلىدۇق، سۇرىيە قۇياشى قايتا پارلىدى» دېگەن ۋە سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق نىشانىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئىچكى تىنچلىقنى قوغداش، دۆلەت ئورگانلىرىنى قۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە سۇرىيەنىڭ خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئابرۇيىنى قايتىدىن تىكلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر كىملىك ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا، خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرىدىغان بىر سۇرىيە كىملىكى بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان.

شەيبانى سۆزىدە يەنە سۇرىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق، ھۆرمەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ياخشى مۇھىت يارىتىشقا تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى ھەسەن ئابدۇلغەنى ئەھمەد شەرئىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنت بولغانلىقى، ئۇنىڭ خەلقئارالىق سورۇنلاردا دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

ئابدۇلغەنى باياناتىدا يەنە 2012-يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئاغدۇرۇلغان بەششار ئەسەد تۈزۈمىگە تەۋە ئارمىيە، بىخەتەرلىك بۆلۈملىرى ۋە پارلامېنتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ باياناتىدا ئەسەد رېجىمى ئاغدۇرۇلغان 8-دېكابىر كۈنىنىڭ سۇرىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى، بەئس پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە پۈتۈن كومىتېت، ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى قايتا قۇرۇلمايدىغان تەرىقىدە تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دەمەشق، ھۇمۇس، لازىقىييە، ئىدلىب ۋە ھاما قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىكى خەلق ئاممىسى ئەھمەد شەرئىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 238 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2025 09:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق