تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇھەممەد دەرۋىش باشچىلىقىدىكى ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلدى.
ئەنقا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 30-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ شۇرا مەجلىسى رەئىسى مۇھەممەد دەرۋىش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغان.
ئەردوغان ئۇچرىشىش داۋامىدا ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 471 كۈن داۋاملاشتۇرغان ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەش روھىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە تۈركىيەنىڭ غەززەدىكى رېئال ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ۋە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، 19-يانۋار روياپقا چىققان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ