خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، بىر قىسىم ئىقتىسادىي ئېمبارگو تەدبىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايغا قارىتىلغان جازالار كۈچىنى كۆرسەتكەن. خىتاي تارتقان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئىككىنى يېڭىلاش» تەدبىرىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 25-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان 2025-يىللىق سودا ساھەسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، 2025-يىلى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىككىنى يېڭىلاش»، يەنى ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
خەۋەردە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش داۋامىدا پاختا يىغىش ماشىنىسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ھەم ئېنېرگىيە باتارېيەسىنى يېڭىلاش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىركەت-كارخانىلارنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىشىغا ئالاقىدار بانكىلار مەركەز مالىيەسىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت ياردەم ئۆسۈمى بېرىدىغانلىقى ۋە پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنە يېڭىلاشتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «مەدەت بېرىش» دائىرىسى جەھەتتە، بۇ يىل «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش جەھەتتە، سانائەت، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش-تىرانسپورت، ئەشيا ئوبوروتى، مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرى، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىن سىرت، يەنە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك خىتاينىڭ بىر قىسىم شىركەت، ئورگانلىرىنى جازالىغانلىقىنى، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى ئېمبارگو سەۋەبلىك ۋەيران بولغانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى خىتايغا قاتتىق بېسىم بولغانلىقىنى، بۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن، پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا خىتاي شىركەتلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يەرلىك خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ داۋاملىق زورىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خەلققە زورلاپ سېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ