خىتاي چاغىنىنىڭ تۇنجى كۈنىنى ئوت ئاپىتى بىلەن كۈتۈۋالدى

خىتاينىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى چاغانلىق ئويۇن كۆرسىتىش مەيدانىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ۋاڭ يى تورىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نەننىڭ شەھىرىدىكى بىر ئويۇن كۆرسىتىش مەيدانىنىڭ كېچىلىك مەنزىرە تېمىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن بولۇپ، ئوتنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتىكەن. بۇ ۋەقە ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەننىڭ شەھىرى گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇپ، گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ئاخشىمى مەيدانغا ئادەملەر لىق تولغانىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر چاغانلىق مەنزىرە ۋە چىراغلارنى تاماشا قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر يالقۇن پەيدا بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئارقىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى كېلىپ، يېرىم سائەت ئىچىدە ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي تېزلىكتە كونترول قىلىنغانلىقى، ئوت ئەتراپتىكى باشقا ئەسلىھەلەرگە تارقالمىغانلىقى، ئېغىر زىيان ياكى ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ ھەقتە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار بۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوت ئاپىتى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئوت ئۇلغىيىپ كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئادەمنىڭ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ قېچىۋاتقانلىقى، ئوت سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 375 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2025 10:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق