خىتاي ئېلان قىلغان سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى DeepSeek نىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، تيەنئەنمېن قەتلىئامى، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردىكى ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېتىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 29-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى DeepSeek بىر نەچچە كۈندىن بېرى كىرىمنىي جىلغىسى ۋە پاي بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلغان بولۇپ، مەزكۇر سۈنئىي ئەقىلدە خىتاي سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان سەزگۈر سۆزلەر چەكلەنگەن.
بەزى ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلات ۋە غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ پىروگراممىسى بىر قىسىم سەزگۈر تېمىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي سۈكۈت قىلماي جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن DeepSeek دەسلەپتە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەپسىلىي بايان قىلغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكتىن تارتىپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مېڭە يۇيۇشقىچە بولغان جىنايەتلەرنى ئەينەن كۆرسەتكەن، بىراق بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، بۇ جاۋابنى قايتۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاددىيلا: «بۇ مەسىلە مېنىڭ نۆۋەتتىكى مەشغۇلات دائىرەمدىن ھالقىدى» دەپ جاۋابىنى ئۆزگەرتكەن ۋە: «باشقا نەرسىلەر توغرىسىدا پاراڭلىشايلى» دەپ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
DeepSeek يەنە مۇرەككەپ سۆز ۋە سەزگۈر مەسىلىلەر، جۈملىدىن تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، «تەيۋەن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىشەلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى دائىم تەكرارلايدىغان: «تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «بېيجىڭ تەيۋەننى خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا قايتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىغا بەل باغلىغان، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق تىرىشچانلىقى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن جاۋابنى بەرگەن. خىتاي شىركىتى DeepSeek خىتاينىڭ باشقا ئەپ دېتاللىرى ۋە تور سۇپىلىرىغا ئوخشاشلا قاتتىق نازارەت بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.
DeepSeek نىڭ بۇ قىيىن مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋابى خىتاي تېخنىكا ماگناتى بەيدۇ ياساپ چىققان ERNIE پاراڭلىشىش روبوتىنىڭ جاۋابى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىققان. بۇ روبوت بەزى تېمىلار ھەققىدە خىتاي رېجىمى رۇخسەت قىلغان جاۋابلارنى بېرىدىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، DeepSeek ئېنىق قىلىپ: «مېنىڭ پروگراممام خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەسمىي مەيدانىغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇر ۋە جاۋابلار بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ