ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ سۇرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش نىيىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «كان» ئاقسارايدىن ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئالىي ئەمەلدارلارنىڭ سۇرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تېل ئاۋىۋغا ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ سۇرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش ئېھتىماللىقى ئىسرائىلىيەدە ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىندۈرۈلۈشىنىڭ سۇرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ غىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ