خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ۋە باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، 27-يانۋاردىن تارتىپ تايلاندتا ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تايلاند شەيخۇلئىسلام ئىشخانىسىدا شەيخۇلئىسلام ئارۇن بونچوم بىلەن كۆرۈشكەن.
ھەيئەت بۇ جەرياندا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە تايلاند مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرغا قىلغان ياردەملىرىگە مەمنۇنىيىتىنى يەتكۈزگەن. ھەيئەت شەيخۇل ئىسلامغا 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە 2015-يىلىدىكى پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش بېرىشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلەتكەن.
تەشكىلاتلار بىرلىكى تايلاند زىيارىتى جەريانىدا يەنە تايلاند دۆلەتلىك ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى دوكتور سۇچارت بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى 48 ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە 48 ئۇيغۇرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى، تايلاندتا تۇرۇش جەريانىدا بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالىشى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى يەتكۈزگەندىن باشقا، بۇ ھەقتە ئىشلىنىدىغان ئورتاق خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
سۆھبەت جەرياندا تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھۆكۈمەت كۈنتەرتىپىدە يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەندىن باشقا، 28-يانۋار تايلاند پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ھەققىدىكى قاراردا ئىلگىرىلەش بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 48 ئۇيغۇر 10-يانۋاردىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە چىقىرىلغان خىتايغا قايتۇرماسلىق قارارىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى سەۋەبلىك، 20 كۈن داۋام قىلغان ئاچلىق ئېلان قىلىشنى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئاخىرلاشتۇرغان. ئاچلىق ئېلان قىلىش تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلق دىپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
تۈركىيەدىكى زور تەسىرگە ئىگە تەشكىلات – ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH) تايلاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، تايلاندنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ مۇزاكىرە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئالتاي ئەپەندى بۈگۈن x ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تايلاندنىڭ كۆرۈشۈشلەر نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ھەيئەت يەنە تايلاند شەيخۇلئىسلامى ئارۇن بونچوم بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئالاقىدار ياردەملەرنى يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ