خىتاي بۇ يىلمۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىدى.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆز لايىقىدا ئۆتكۈزۈشىگە ھەرخىل تەرىقىدە چەكلىمە قويۇش، توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن، خىتايلارنىڭ ھەرخىل بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە، تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ۋاسىتىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان-ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى نازارەت قىلىپ كەلگەنىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بايىنغولىن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا 2025-يىللىق ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش، بىرلىكتە جەم بولۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» نامىدا باھار بايرىمىلىق تىياتىر كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن جايلىرىدا خىتاينىڭ مەزكۇر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مەجبۇرىي تەشكىللەنگەن بولۇپ، خەۋەردە بىر قىسىم جايلار مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنغان. جۈملىدىن خوتەن ۋىلايىتى لايقا يېزىلىق تەشكىلات بۆلۈمى ئۇيغۇرلارنى كەنتكە يىغىپ، پانۇس ئېسىشقا، چاغان تەبرىكلەش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، يوللاردا چاغانلىق شوئار توۋلاش، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، كۈنلۈك ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئويناشقا مەجبۇرلىغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قانچە سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كەنتلەردىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ھەتتا ئەرلەرنىمۇ خىتاينىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلىنى ئويناشقا مەجبۇرلىغان. ئۇندىن باشقا زۇمرەت داۋۇت خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان يەنە بىر تۈركۈم سىنلاردا بولسا، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى جىن-شاياتۇن، بۇددىست ئوبرازلىرىنىڭ قىياپىتىدە ياساندۇرۇلۇپ، كوچا ئايلىنىشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايراملىرىنى گۈزەل تەرىقىدە تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قىلىنىپلا قالماستىن، خىتاينىڭ تەھدىت ۋە مەجبۇرلاشلىرى سەۋەبلىك، ئېتىقادىغا، مەدەنىيىتىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان خىتاي بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە، ھەر جەھەتتىن خىتايدەك كۆرۈنۈپ ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى رەت قىلغۇچىلارنى «ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك» نامىدا قاتتىق جازالاپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ