خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدە تۇيۇقسىز پارتلاش يۈز بەردى

خىتاي چاغىنى ھارپىسىدا خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدىكى ئادەم كۆپ كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەك بازىرىدا تۇيۇقسىز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋەقەگە ئالاقىدار سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشنىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئەمما خىتاينىڭ رەسمىي ئورگانلىرى ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلمىغان ھەمدە پارتلاش سەۋەبىنىمۇ ئېيتمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دەرھال ئۆچۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە ھەققىدىكى مەلۇماتلار پەقەت تارقالغان سىنلار ۋە ئىسپاتلانمىغان ئۇچۇرلار بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. يەنە كېلىپ، پارتلاش يۈز بەرگەن جاي بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەكشۈرگەن ئورۇن بولۇپ، بۇ تەپسىلات سىرتقى دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۆپ پەرەزلىرىگە سەۋەب بولغان.

ۋەقە 26-يانۋار چۈشتە شېنياڭ شەھىرى شېنخې رايونى داتۇڭ يېمەكلىك بازىرىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن. تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نۆۋەت كۈتۈۋاتقان بولۇپ، پارتلاشنىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولغان. پارتلاشتا زور ئوت يالقۇنى چىققاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر جېنىنى ئېلىپ قاچقان. يارىلانغانلار ياتقان يېرىدا قۇتقۇزۇشنى كۈتكەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدان قاتتىق قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.

تارقالغان كۆزىتىش كامېرا سىنلىرىغا قارىغاندا، قارا كىيىملىك بىر ئەر كىشى ۋەقە مەيدانىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن كېتىپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر توكلۇق ۋېلىسىپىت تۇيۇقسىز پارتلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن پىيادىلەر يارىلانغان. بازارنىڭ سىرتقى تېمى بۇزۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن تور ئۇچۇرلىرىنىڭ توسۇلۇشى ئاممىنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ قوزغىغان. بۇ ۋەقە خىتاي تور بەتلىرىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۈلگەن. ۋېيبو ۋە ۋە ئۈندىداردىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارمۇ توسۇلۇپ، تارقىتىلغان ئۇچۇر، سىنلار ئۆچۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شېنياڭنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى نۆۋەتتە جەمئىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلغان. گەرچە پارتلاش سەۋەبى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، بەزى تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بەزى زور ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2025 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق