خىتاينىڭ زور كۆلەملىك يادرو تەتقىقات مەركىزى قۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى خىتاينىڭ مىيەنياڭ شەھىرىدە يېڭى بىر لازېر-يادرو تەتقىقات مەركىزى قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەركەز يادرو قورالى لايىھەلەش ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرەلەيدىكەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 28-يانۋار بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە لازېر ئۈسكۈنىسى تىرەكلىرى ئورنىتىلغان بىر مەركىزىي تەجرىبە رايونى كۆرۈنگەن.

بۇ مەركەز شىمالىي كالىفورنىيەدىكى 3.5 مىليارد دوللارلىق دۆلەتلىك قوزغىتىش  مەركىزىگە (NIF) ئوخشاش لايىھەلەنگەن بولۇپ، تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ مەركىزىدىكى تەجرىبە رايونى ھازىرچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەركەز بولغان NIF نىڭكىدىن %50 چوڭ ئىكەن.

تەھلىلچىلەر يەنە NIF تىپىدىكى مەركەزگە ئىگە ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز يادرو قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ، يېڭى بومبا لايىھەلىرىنى سىناقسىز تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى رويتېرس مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن بولۇپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىشخانىسىمۇ بايانات بەرمىگەن.

2020-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا قورال كونترول ئەلچىسى مارشال بىللىڭسلېيا خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرسىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىيەنياڭدىكى 2010-يىلىدىن كېيىنكى يېڭى تەتقىقات ياكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى دەپ بېكىتىلگەن بوش يەر كۆرۈنگەنىدى. قۇرۇلۇش ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، دەل شۇ يەر ھازىر لازېر بىرىكتۈرۈش ئۈسكۈنىسى تەجرىبىخانىسى دەپ ئاتالغان تەتقىقات مەركىزىگە ئايلانغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق باشقا يادرو كۈچلىرىمۇ شۇنداق مەركەزلەرنى قۇرغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ يېڭى مەركىزى ئۆز تىپىدىكى مەركەزلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى بولۇپ قالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 587 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2025 10:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق