ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

دونالد تىرامپنىڭ 20-يانۋار قايتا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن چېكىنىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

خىتايدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى مەزكۇر تەكشۈرۈشكە قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ %30 ى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈش پىلانى تۈزگەن ياكى كۆچۈشنى باشلىغان. بۇ سان 2020-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەن.

سودا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق كۆچۈش يۈزلىنىشى ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال بولۇپ، نۆۋەتتە شىركەتلەر تىرامپنىڭ يېڭى سودا سىياسىتىگە ماسلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتىكەن.

خىتايدىن چېكىنىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ %41 نى سانائەت، تەرەققىيات، تەتقىقات ۋە تېخنولوگىيە شىركەتلىرى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، گەرچە شىركەتلەرنىڭ %38ى ئاسىيادىكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆچۈشنى پىلانلىسىمۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە كورىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشماقتىكەن.

ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يۈزلىنىش كاساتلىشىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلار كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۈمىد يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 547 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2025 10:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق