ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۇرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگونى يەڭگىللىتىش پىلان-لايىھەلىرى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە خەۋەر تورىنىڭ 28-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىن ئېچىۋاتقان بىر پەيتتە، X ھېسابىدا 2011-يىلىدىن تارتىپ داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشتا ئاغدۇرۇلغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى نىشان قىلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن.
ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۇرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى يەڭگىللىتىشنىڭ پىلان-لايىھەلىرى ئۈستىدە كېلىشكەن بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى نىشانلىغان. ئەمما يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتى خاتا قەدەم تاشلىسا، ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
كايا كاللاس ئۇچۇرىدا ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنىڭ قايسى ساھەلەردىكى ئېمبارگولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۇرىيەگە قويۇلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق دۆلەتنى قايتا قۇرۇشقا يول ئاچىدىغان ساھەلەردىن باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ