ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق قوللاش مەيدانىنى تەكىتلىگەن.

ئىگە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 28-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھېگسېس بىلەن نېتانياھۇنىڭ تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ھېگسېس سۆھبەتتە پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئىمكانىيەتلەرنى تەييارلاشتا قەتئىي نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

سۆھبەت جەريانىدا، داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى ئورتاق بىخەتەرلىك نىشانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تەۋرەنمەس مۇناسىۋەت قايتا تىلغا ئېلىنغان.

ھېگسېس ۋە نېتانياھۇ يېقىن ئالاقىدە بولۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىككە كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا نېتانياھۇنىڭ ھېگسېسنى يېڭى ۋەزىپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 365 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2025 10:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق