خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىدە بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:16 دە (شىمالىي كەڭلىك 41.34 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.44 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 8 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدە باشقا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ