خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ئولتۇراق رايونلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەنىدى. خىتاي رېجىمى يەنە 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى 258 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئېلان قىلغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى 258 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ بۇ پىلانى 76 مىڭ ئاھالىگە چېتىلىدىكەن. بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى 118 ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق 18 مىڭ ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەرنى چىقىشقا، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 6888 ئولتۇراق رايوننى مەجبۇرىي ئۆزگەرتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ پىلانى 1 مىليون 166 مىڭ 700 ئاھالىگە چېتىلغان. پەقەت 2024-يىلىدىلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشى بىلەن، 857 ئولتۇراق رايون ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 193 مىڭ 800 ئاھالىگە چېتىلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزكۇر جىنايەتكە ئالاقىدار ئەمەلدارلار 2025-يىللىق پىلان بويىچە، ئاھالىلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى كۆزدىن يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر-ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چاققان ياكى خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكۈزگەن. تارقالغان سىنلار ۋە خىتاينىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازراقمۇ پەسەيمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ تۈرلۈك يوسۇندا داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزلارنى، مەھەللە، قوشنىدارچىلىق كۈلتۈرىنى ۋە بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رەزىل مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ