چاقماق خەەر

CIA: خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) خىتايدىن تارقالغان ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىق ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خىتاي ۋىرۇسى تەبىئىي ھادىسە ئەمەس، بەلكى خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە بۇ خىل باھالاشقا بولغان ئىشەنچى تۆۋەن بولسىمۇ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ باھالاش بايدېن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بۇيرۇلغان ۋە جون راتكلىف CIA باشلىقى بولۇپ قەسەم بېرىشتىن بۇرۇن تاماملانغان. راتكلىف خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىدىغان CIA نىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

CIA نىڭ بۇ نەتىجىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ باشقا ئۈچ ئورگىنىمۇ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىش نەزەرىيەسىنى قوللىغان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى CIA نىڭ خۇلاسىسىنى رەت قىلىپ، ئۇنى خاتا يېتەكلەش ۋە سىياسىي مەقسەتتىن ئىبارەت، دەپ جار سالغان. خىتاي باياناتچىسىمۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سىياسىي پەرەز ئەمەس، ئىلمىي تەتقىقات بولۇشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 701 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2025 09:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق