ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ پەلەستىن مۇساپىرلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپى ئىيوردانىيە تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت تىرامپ غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشىدىن كېيىنكى نازۇك توختام مەزگىلىدە، تەخمىنەن بىر يېرىم مىليون پەلەستىنلىك مۇساپىرنى مىسىر ۋە ئىيوردانىيەگە كۆچۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت قالايمىقانچىلىق چىقىشىدىن ۋە شۇنداقلا پەلەستىنلىكلەرنى يۇرتىدىن مەڭگۈلۈك قوغلاپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئىبارەت يامان تەسىردىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ تەكلىپكە قەتئىي قارشى تۇرغان.
تىرامپ ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە مىسىر پىرېزىدېنتى سېسى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى پىلانلىغان. گەرچە تىرامپنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى قەتئىي بولغان بولسىمۇ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام قاتارلىق ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى تىرامپنىڭ تەكلىپىنى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مىسىر ۋە ئىيوردانىيە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىكەن ھەمدە پەلەستىن خەلقىنى باشقا دۆلەتكە كۆچۈرۈشنىڭ بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ