شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، قىشلىق تەتىللىك لاگېر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت ئىنسان مەدەنىيەت ۋەقفى يىغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان ئۇيغۇر ۋە سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئايدىن ئېچىلىش سۆزى قىلغان.
ئارقىدىن سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ئادىلجان ئۇيغۇر «مۇۋەپپەقىيەت» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. پائالىيەت ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا پىكىرلىشىشى بىلەن داۋاملاشقان.
لاگېرىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە جەمئىيەتنىڭ شۇرا ئەزاسى ئابدۇلۋارىس روزى «دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت» تېمىسىدا، ئابدۇلھەكىم ئايدىن «جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە مىللىي ئارمىيە» تېمىسىدا دوكلات سۇنغان.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلدىن كەلگەن ياشلار بىلەن كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار ئارىسىدا دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغۇچىلارغا مۇكاپات تەقدىم قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ