ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستانلىق قىزلارنىڭ پاكىستاندا ئوقۇشىنى شەرتلىك يولغا قويغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاكىستاندا ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قوشۇلغان بولۇپ، بىردىنبىر شەرت ئۇلارنىڭ ئەر تۇغقانلىرىمۇ ۋىزا ئېلىپ ھەمراھ بولۇشى كېرەك ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۈزلىگەن ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچى 25-يانۋار پاكىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ باكلاۋۇر، ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىق پىروگراممىلىرىغا كىرىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان.
ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار پېشاۋار ۋە كۇئېتتا شەھەرلىرىدىكى بەلگىلەنگەن مەركەزلەردە ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ، ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تور ئارقىلىق ئىمتىھان بېرىشنى پىلانلىغان.
پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى مۇھەممەد سادىق ئىمتىھاندىن بۇرۇن، 21 مىڭغا يېقىن ئافغانىستانلىق ئىمتىھان بەرگۈچى، جۈملىدىن 5000 دىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچىنىڭ يازلىق ئاكادېمىك كۇرسلارغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا شەنبە كۈنى بەلگىلەنگەن ئىمتىھان مەركەزلىرىدە ئىمتىھان بەرگەن ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئەمما ئېنىق سان-سىپىر بېرىلمىگەن.
پاكىستان ئالىي مائارىپ كومىتېتى 2000 گە يېقىن ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىنى تاللاش ئۈچۈن مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىۋاتقان بولۇپ، تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قىزلار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ