مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەكتۇپ سۇندى

مالايشىيادىكى زور تەسىرگە ئىگە تەشكىلات - مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM) تايلاندنىڭ مالايشىيادىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرىغا خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 48 ئۇيغۇر ھەققىدە مەكتۇپ سۇنغان.

مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى فەھمى شەمسۇددىن ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت 24-يانۋار تايلاندنىڭ كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلغان.

ھەيئەت بۇ جەرياندا ئەلچىخانىدا ئەمەلدارلىرى بىلەن تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ سۇنغان. مەكتۇپتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بىر ئىسلامىي تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىمۇ ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

گەرچە تايلاند باش ئەلچىسى ۋە تايلاند مۇداپىئە مىنىستىرى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتىكى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى سەۋەبىدىن، بۇ خەۋپ يەنىلا يوقالمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر داۋاملىق كۈچەيمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2194 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2025 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق