ئامېرىكا فىلىپپىندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يېڭى ئورۇنغا يۆتكىدى

ئامېرىكا فىلىپپىندىكى «تايفۇن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئەسلىدىكى ئورۇندىن يېڭى بىر ئورۇنغا يۆتكىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ «تايفۇن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى فىلىپپىندىكى لاۋاگ ئايرودۇرۇمىدىن لۇزون ئارىلىدىكى باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «تايفۇن» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى كۆپ مەقسەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، نىشانغا يېتىش مۇساپىسى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ سىستېمىدىكى جەڭ پالتىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى فىلىپپىن زېمىنىدىن خىتاي ۋە رۇسىيەدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىكى 6-تىپلىق ئۆلچەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا 200 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يىراقلىقتىكى ھاۋا ياكى دېڭىزدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىكەن.

فىلىپپىن ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ قايسى جايلارغا يۆتكىلەلەيدىغانلىقى ۋە قانچىلىك تېزلىكتە يېڭى ئېتىش ئورنىغا يۆتكىلەلەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. بۇ خىل ھەرىكەتچانلىق توقۇنۇشتا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئامان قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى دەپ قارالماقتىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى يېقىنقى ھەپتىلەردە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ لاۋاگ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا يۈك ئايروپىلانىغا يۈكلەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى قاراپ چىققان سۈرەتلەردە «تايفۇن» ئۈسكۈنىلىرىنى قاپلاپ تۇرغان ئاق رەڭلىك يامغۇردىن ساقلايدىغان يوپۇقنىڭمۇ ئېلىۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

«تايفۇن» سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا كۆپ خىل پاراخوتقا قارشى قوراللارنى توپلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ لوكھىد مارتىن شىركىتى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈچۈن ياسىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئىقتىدارغا ئىگە قۇرۇقلۇقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1449 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2025 10:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق