تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى دەمەشق قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۇرىيە ھاۋا قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2012-يىلى 1-ئاپرېلدا سۇرىيەدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن توختىتىۋەتكەن ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى 23-يانۋار قايتا باشلىغان. شىركەتنىڭ «TK 846» نومۇرلۇق ئايروپىلانى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن دەمەشققە قاراپ يولغا چىققان.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-يانۋار سەھەردە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا كەلگەن يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى ئالدىدا خۇشاللىقلىرىنى ئىزھار قىلىشقان. نۇرغۇن سۇرىيەلىكلەر ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولغان. بەزى يولۇچىلار قوللىرىدا سۇرىيە ئىنقىلاب بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان.

349 يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت دەل توققۇزدا قوزغالغان بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى سائەتلىك ئۇچۇش ئارقىلىق دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2410 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2025 10:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق