تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۇ يىللىق تۇنجى يىغىنىنى ئاچتى

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۇ يىللىق يېڭى يىغىن ئېچىپ، مۇھىم قارارلارنى چىقارغان.

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 23-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى 2025-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئاچقان. يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا پ ك ك / ك ج ك – پ ي د/ ي پ گ، فەتۆ ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، سۇرىيە خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە پاراۋانلىققا ئېرىشىشىنى قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە غەززەدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بۇيۇملىرىنىڭ غەززە خەلقىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان.

باياناتتا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇننى دەپسەندە قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقان قاتارلىق جايلاردىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۇنياۋى تىنچلىققا داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1168 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2025 10:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق