ئافغانىستاندا بىر خىتاي ئىشچى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى تاخار ئۆلكىسىدە بىر خىتاي ئىشچى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىش ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئافغانىستاننىڭ تاخار ئۆلكىسىدىكى ساقچى ئىدارىسى 22-يانۋار بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە دەسلەپكى تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ساقچى ئىدارىسى ئۆلتۈرۈلگەن خىتايغا ھەمراھ بولغان تەرجىماننىڭ يارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئارمىيەسى 2021-يىلى 8-ئايدا ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، تالىبان ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتىن ۋەيران بولغان بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل ھۇجۇملار داۋاملاشقان. جۈملىدىن دائىش تەشكىلاتى 2022-يىلى كابۇلدىكى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى كۆپ كېلىدىغان بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن بۇ ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىش تەشكىلاتىنىڭ خۇراسان شۆبىسى ئافغانىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە بىر خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. دائىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىش ئەزالىرى مەزكۇر خىتاينى ئاپتومات بىلەن ئۆلتۈرگەن. تالىبان ئەمەلدارلىرى ئۆلتۈرۈلگەن خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى بىر كانچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي سەيشەنبە كۈنى كەچتە تەرجىمانى بىلەن بىللە دەشتىقەلئە رايونىغا ماشىنا بىلەن بارغان. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا قوراللىقلار ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا پىستىرما قۇرۇپ ھۇجۇم قىلغان.

ساقچى ئەمەلدارى يەنە چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن يەرلىك ساقچىلارغا خەۋەر قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇ خىتاينىڭ ئۇنداق قىلمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ھۇجۇم توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇ: «ئافغانىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەھۋالنى ئىگىلەپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپلا جاۋاب بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1316 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2025 09:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق