ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئەسىر ئالماشتۇردى

ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئەسىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، ئىككى ئامېرىكىلىق قويۇپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 21-يانۋار زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكىدا قاماقتا ياتقان بىر تالىبان ئەزاسى بىلەن ئىككى ئامېرىكىلىقنى ئالماشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا، قويۇپ بېرىلگەن ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ تالىبان ئەزالىرىدىن خان مۇھەممەد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ كىشى 20 يىل بۇرۇن ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نەنگەرھار ۋىلايىتىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئامېرىكا فېدېراتىپ سوتى ئۇنى گۇناھكار دەپ قاراپ، كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

تالىبان ھۆكۈمىتى قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ھەمدە قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سانىنىمۇ ئېنىق بايان قىلمىغان. ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 42 ياشلىق رايان كوربېت ۋە 69 ياشلىق ۋىليام ۋاللاس ماككېنتى ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى بىرايان ھيۇز ۋاشىنگتوندا: «بىز رايان كوربېت ۋە ۋىليام ماككېنتىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەبرىكلەيمىز. ئۇلار پات ئارىدا ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينىغان قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان تۇتقۇن قىلغان بارلىق ئامېرىكىلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1190 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2025 10:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق