تۈركىيەنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدىكى كارتالكايا قار تېيىلىش مەركىزىگە جايلاشقان مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 76 گە چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر قىزمۇ بار ئىكەن.
ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 21-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا باشقا مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە پاجىئە يۈز بەرگەن رايوندا ئاخبارات ئېلان قىلغان.
ئۇ باياناتىدا ئوت ئاپىتىدە 76 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان توققۇز كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئون كۈن ئىچىدە ئەدلىيە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن بىر كۈنلۈك دۆلەتلىك ماتەم ئېلان قىلغان بولۇپ، پاجىئەدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەزىيە بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ