بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 21-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، قاتتىق قىيىن-قىستاققا ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىسپاتى بارلىقىنى، مۇساپىرلارنى قىيىن-قىستاق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراش خەۋپى بولغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىگە مۇساپىرلارغا زۆرۈر بولغان تۇرمۇش شارائىتى ۋە داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋە ئادۋوكاتلىرى بىلەن ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا يول قويۇش، خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى دەرھال توختىتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
19-يانۋار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تايلاندقا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلغان. روشەن ئابباس خانىم يەنە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قاماپ قويۇلۇشىنىڭ خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇنى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ھەيئەت يەنە ياپونىيەگە بېرىپ، مەزكۇر 48 ئۇيغۇر ھەققىدە ياپونىيە پارلامېنتىدىمۇ ئۇچرىشىشلاردا بولغان.
مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازلىق چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى قايتىدىن تايلاندقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا بىرقىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر دەرھال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھازىرغا قەدەر ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى، ئامېرىكانىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاندنى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.
شۇنداقلا تۈركىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار تايلاند ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى، خىتايغا قايتۇرماسلىقنى ۋە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر