فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا 2025-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق خىتايغا سىگنال بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرى فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاينى بىئارام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

فىلىپپىن ئارمىيەسى بىر باياناتتا كۆرسىتىشىچە، فىلىپپىن تەرەپ 17- ۋە 18-يانۋار كۈنلىرى غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىنىڭ پالاۋان رايونىدا ئامېرىكا بىلەن «دېڭىزدا ھەمكارلىشىش ھەرىكىتى» ناملىق مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ 2023-يىلى 11-ئايدىن باشلانغان بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ بەشىنچى قېتىملىقى ئىكەن.

غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى بولسا فىلىپپىن تەرەپ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خاس ئىقتىسادىي رايونىغا قويغان نام بولۇپ، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنىڭ باشچىلىقىدا فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كۈچەيگەن. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىشىشقا مايىل بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان ھەربىي بازىلارنى كېڭەيتىشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەنگە يېقىن جايلاشقان ئەسلىھەلىرىمۇ بار ئىكەن.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە دېڭىز ھەرىكىتىدە، ئامېرىكا كارل ۋىنسون ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش ئەترىتىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن چارلىغۇچى پاراخوت، قوغلىغۇچى پاراخوت، تىك ئۇچار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى بار ئىكەن. فىلىپپىن تەرەپ بولسا مانېۋىرغا قوغدىغۇچى پاراخوت، چارلىغۇچى پاراخوت، ئىككى FA-50 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئەۋەتكەن.

فىلىپپىن قوراللىق قىسىم ئاممىۋى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 17-يانۋار قىسىملار ئالاقە تەكشۈرۈش مانېۋىرى، قىسىمغا بۆلۈنۈش تاكتىكىسى، سۈرەتكە ئېلىش مانېۋىرى قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلغان. 18-يانۋار قاتناشقۇچىلار ئوخشىمىغان تىپتىكى ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا ئۇرۇشى مەشىقىنى قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 185 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2025 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق