تىرامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن، خىتاي ئەپ دېتالى TikTok توغرىسىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ئەپكە ئالاقىدار چەكلىمىنى كېچىكتۈردى.
دونالد تىرامپ 20-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى خىتاي ئەپ دېتالى TikTok نى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرىدىغان بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، خىتايغا قوشۇمچە باج قويۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
تىرامپ ئامېرىكىنىڭ TikTok قا ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا يول قويىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتايدىكى ئانا شىركىتى بايتدەنس بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغان پىلاننى تەستىقلىشى مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ بۇيرۇقتا ئېيتىلىشىچە، بىۋاسىتە چەكلەشنىڭ ئورنىغا ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 75 كۈنلۈك ۋاقىت بېرىلگەن. ئەمما بەزى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تىرامپنىڭ پىلانىغا قارشى چىقىپ، TikTok نىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. تىرامپنىڭ پوزىتسىيەسى 2020-يىلى تەكىتلىگەن چەكلەشتىن ھازىرقى TikTok نى قۇتقۇزۇشقا ئۆزگەرگەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەز ۋە ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنىدە خەلقئارانىڭ كۈتكىنىدەك خىتايغا قارشى قاتتىق قول سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا قارىتا قاتتىق مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ