فىلىپپىن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي گۇماندار ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى قولغا ئالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن ئەمەلدارلىرى 20-يانۋار جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر خىتاي پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى فىلىپپىنلىق شېرىكىنى قولغا ئالغان. ھەربىي ئورۇنلارنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۈسكۈنىلەر مۇسادىرە قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر بۇ گۇمانلىق شەخسنىڭ دېڭ يۈەنچىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدىكى خىتاي ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنژېنېرلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
فىلىپپىن دۆلەتلىك تەكشۈرۈش بىيۇروسى ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا مەزكۇر خىتاينىڭ دائىرىلەر ئىزچىل نازارەت قىلىپ كەلگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار ھەربىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى يوشۇرۇن تەكشۈرگەن. بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرى ھەربىي كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بازىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاينىڭ مانىلادىكى ئەلچىخانا خادىملىرى بۇ ھەقتە سوئاللارغا تېخى جاۋاب بەرمىگەن.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ۋە جاسۇسلىرى ئارقىمۇ ئارقا پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە مەخپىي ئورگانلىرىغىچە خىتاينىڭ قارا قولى سوزۇلغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ