پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس يەنە بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ يەكشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كېلىشىمدىكىدىن بىر كۈن كېچىكىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 21-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بويىچە، كېيىنكى تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلارنىڭ يەكشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ دەسلەپكى پىلاندىن بىر كۈن كېچىكىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ھاماس قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىرىنى شەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيەمۇ قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلايدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قەدەم ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن ۋە تەخمىنەن 90 پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن كېيىنكى باسقۇچتىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش باسقۇچى ئىكەن. قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان. ھاماس 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر قوزغىغان «ئەقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىسرائىلىيەلىكتىن 91 نەپىرى نۆۋەتتە يەنىلا ھاماسنىڭ قولىدا ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ