ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىبلەپ، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان مىڭلىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە توختىماي كىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا نەچچە ئونلىغان شىركەتكە جازا يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئاۋسترالىيەدە مېترو قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتى داۋاملىق كۆپەيگەن. ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ بېكىتىلىپ، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن سىدنېي مېترو قاتناش ۋاسىتىلىرىغا زاپچاس تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ مىڭلىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويغان.
2021-يىلى بايدېن ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە باشلىغان، ماللىرىنى تۇتۇپ قالغان. ئەمما ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئەگىشىشنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن شىركەتلەردىن كەلگەن مىڭلىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كىرىشىگە داۋاملىق يول قويغان.
مۇھاپىزەتچى گېزىتى 2020-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سەككىز شىركەتنىڭ ئاۋسترالىيەلىك ئىمپورت قىلغۇچىلارنى ماتېرىيال تەمىنلىگەنلىكىگە دائىر 3,347 ئىمپورت خاتىرىسىگە ئېرىشكەن. بۇ شىركەتلەر ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئىشتات ھۆكۈمەتلىرى ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل باتارىيەلىرى، پويىز زاپچاسلىرى، بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى، دورا-دەرمەك ۋە يېمەكلىك قوشۇمچە ماددىلىرى، شۇنداقلا پىرىنتېر ئۈسكۈنىلىرى بار ئىكەن.
ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ سەككىز شىركەتتىن قىلغان ئىمپورتى ئامېرىكا چەكلىمە يولغا قويغاندىن كېيىنمۇ كۆپىيىپ، 2023-يىلى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
بېلىقچىلىق ئىدارىسىدىن ئېلىنغان ئايرىم خاتىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلغۇچىلىرى ۋاشىنگتوندىكى پايدا كۆزلىمەيدىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى «قانۇنسىز ئوكيان تۈرى»نىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئاشكارىلانغان خىتاي شىركەتلىرىدىن يۈزلىگەن قېتىم مال كىرگۈزگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ