ئانالىزچىلار: خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى

بىخەتەرلىك ۋە ئافغانىستان مەسىلىسى 2025-يىلى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئېغىر سىناققا دۇچار قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆتكەن يىلى بىخەتەرلىك، مالىيە ۋە سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن جىددىيلەشكەن. ئىسلامئابادتىكى پاكىستان-خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى مۇشاھىد ھۈسەيىن سەييىد يېڭى يىلدا خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە چوڭ داۋالغۇش بولمايدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن. پاكىستان 2025-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىككى يىللىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزاسى بولىدىغان بولۇپ، پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن ھەمكارلىق بۇ يەردە نامايان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇ بەزى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، كانادالىق ئانالىزچى، يازغۇچى ۋە كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى ئايدان سىماردونمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئامېرىكا ئاۋازىغا: «ئەگەر پاكىستان ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئوندىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ھەل قىلمىسا، بۇ مەسىلە 2025-يىلى تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن. پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئاتالمىش «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» تۈرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي كارىدورىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستان-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىدا كۆپ يىلدىن بېرى ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئانالىزچىلار پاكىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلارغا قارىتىلغان تەھدىتىنى تۈگەتمىگۈچە، بۇ تۈرنىڭ داۋاملىق توختاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى خىتاي ئىشچىلارنىڭ پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە كەسكىن ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى ئىسلامئابادنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي خىزمەتچىلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋاملاشسا، خىتاينىڭ پاكىستاندا يېڭى مەبلەغ سېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلانمىسا، بۇ كەلگۈسىدە پاكىستانغا تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋاخان كارىدورىغا يول ياساپ قۇرۇلۇش قىلغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى 2021-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، خىتاي تالىبان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بىر قانچە ئورۇندا كان قېزىش كېلىشىمى تۈزگەن.

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاخان كارىدورى يولىنى ياسىغان. بۇ كارىدور رايوندىكى خەتەرلەرنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىدىن كەلگەن تەھدىتنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىشتىن سىرت، ئافغانىستاننىڭ كان بايلىقىنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا توشۇشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 609 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2025 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق