ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس بىلەن ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قويۇپ بېرىلگەن.
NPR تورىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمدىن كېيىن غەززە خەلقى قىسقا مۇددەتلىك خۇشاللىققا چۆمگەن بولۇپ، ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئايال قويۇپ بېرىلگەن ۋە 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇندىن ئازاد قىلىنغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ رافاھ رايونىدىن مىسىر-غەززە چېگراسىدىكى فىلادېلفىيە كارىدورىغا چېكىنگەن. نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ، مەجبۇرىي تەرك ئەتكەن ئۆيلىرىنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۈچ باسقۇچلۇق كېلىشىم ئۇرۇشنىڭ مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئەمما ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچ ھەققىدىكى تەپسىلاتلار تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەمۇ كېلىشىمگە ئاساسەن يېڭى قەدەم تاشلىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھاماس تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ ئەسىرنىڭ بەدىلىگە غەربىي قىرغاقتىكى راماللاھ شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 90 پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلگەن.
پەلەستىن تەرەپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ 69 نەپىرى ئايال، 20 نەپىرى كىچىك بالا، بىرى ياش يىگىت ئىكەن. قويۇپ بېرىلىپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ 78 نەپىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىن، 12 نەپىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇدۇستىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھاماسنىڭ ھەربىي قىسمى بولغان ئەلقەسسام بىرىگادىسى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن، ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بەرگەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى كېلىشىم بويىچە دەسلەپكى باسقۇچتا 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئىسرائىلىيەگە مەركەزلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ