ئامېرىكا خىتايغا قارشى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بازىلىرىنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى كۈچەيتىپ، خىتايدىن كېلىشى مۇمكىن بولغان ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلەنمەكچى بولغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى ھۇجۇمدىن ساقلاش ئۈچۈن كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەر ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە كورىيە قاتارلىق جايلاردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ خىتاينىڭ زەربىسىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

باياناتچى باياناتىدا: «بىز ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيىتىمىز، جەڭ ئۈستۈنلۈكىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلار ھەم شېرىكلەر بىلەن بولغان بىرلىكسەپنى داۋاملىق ياخشىلاۋاتىمىز. تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسى ھەر كۈنى ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق ئىشقا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار» دېگەن.

باياناتچى 14-يانۋار ئامېرىكا ئاۋازىغا يەنە: «بىز ئايرودۇرۇمنى مۇستەھكەملەش ۋە بىنا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانىدىكى بازا ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ چىدامچانلىقىنى ۋە ھايات قېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا خادىملىرىمىز ۋە مال-مۈلكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىلغار بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا خىراجەت ئاجرىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەن.

باياناتچى سۆزىگە يەنە، 2024-يىللىق «تىنچ ئوكيان توسالغۇ تەشەببۇسى» ئارقىلىق، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا يەتكۈزۈش، ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە ئۈسكۈنە، ئوق-دورا ۋە ماتېرىياللارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 916.6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «تىنچ ئوكيان توسالغۇ تەشەببۇسى» پارلامېنت 2021-يىلى تۈزگەن بىر قاتار دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نىشانى ئاساسلىقى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2025 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق